ئىلى چېگرا رايونىنىڭ ئىشغال قىلىنىشى: 19–ئەسىرنىڭ 60–يىللىرىدا چىڭ سۇلالىسىى ئىلى چېگرا رايونىدا (چىڭ–روسىيە چېگرا رايونى)چىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇستەملىكە زوراۋان سىياسىتىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. چارروسىيە ھۆكۈمىتى ئۇشبۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يېڭى مۇستەملىكە رايونى ئېچىش قارارىغا كېلىدۇ–يۇ تاكى 1869–يىلىغىچە ئىلى رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قاراپ تۇرۇش پوزىتسىيىسىدە تۇرىدۇ، لېكىن1871–يىلىغا كەلگەندە چارروسىيە ھۆكۈمىتى بۇ رايوننى قوراللىق ئىشغال قىلىش قارارىنى چىقىرىدۇ، سەۋەبلەر تۆۋەندىكىچە:
تولۇق تېكستى...ئىلى دىيارى قەدىمدىن تارتىپ يېرى كەڭ، سۈيى مول، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنغان مۇنبەت زېمىن. ئورمانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك—زېمىننىڭ ئاۋات بولۇش ئامىللىرىنىڭ بىرى. ئىلى ۋادىسى ھۈنەر، ھېكمەت، ئەدەبىيات–سەنئەت بەرپا قىلىنغان تارىخىي زېمىن بولغانلىقى بىلەنمۇ مەشھۇر. بۇ باياشات زېمىندا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر ئىجىل–ئىناق بىللە ياشاپ كەلگەن.تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تاتارلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا 19–ئەسىرنىڭ 30–يىللىرىدىن باشلاپ كۆچۈپ كېلىشكە باشلىغان. غۇلجا شەھىرى شىنجاڭ بويىچە تاتارلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جاي. ۋ. ۋ. رادلوف 1862–يىلى ئىلىغا كەلگەندە بۇ يەردە تاتارلارنىڭ كۆپلۈكىنى، ئۇلارنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى، ھەر مىللەت خەلقى بىلەن ئىنتايىن ئىناق ياشاپ، ئەركىن ئازادە، كۆڭۈللۈك ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدى(«تاتارلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» 1988–يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى).
تولۇق تېكستى...مۇزداۋان يولىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقتىدىن قالغان بىر تاش ئابىدىنىڭ بارلىقىنى بالىلىق چاغلىرىمدا ئاڭلىغانىدىم، كېيىن نىياز كېرىمنىڭ «شىنجاڭنىڭ قەدىمكى كارۋان يوللىرى» ناملىق كىتابىدىنمۇ بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇغان. شۇنىڭدىن بېرى بۇ ئابىدىنى بىر كۆرۈش ۋە ئۇنىڭ تارىخىنى چۈشىنىش ئارزۇيۇم تۇغۇلدى ۋە بۇ ئارزۇيۇمغا ئاخىرى يەتتىم. 2006–يىل 6–ئاينىڭ ئاخىرى موڭغۇلكۈرە ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خەمىت ئەپەندىنىڭ ياردىمىدە ناھىيىنىڭ جەنۇبىغا، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان، مۇزداۋان يولى بىلەن مەشھۇر شوتا يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق دەم ئېلىشقا چىققان پېشقەدەم جەڭچى، مۇشۇ ئابىدىنىڭ شاھىتى مۇھەممەت ئىسمائىل ئاكا بىلەن مۇڭدىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. بوۋاي 87 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ خاتىرىسى ئېنىق، تەپەككۇرى جايىدا ئىكەن، ئۇ مەۋلانتاشنىڭ ئورنىتىلىشى توغرىسىدا مۇنۇلارنى سۆزلەپ بەردى: 1945–يىل 9–ئايدا ئاقسۇ تەرەپتىن كېلىش ئېھتىمالى بولغان گومىنداڭ قوشۇنىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن مىللىي ئارمىيىنىڭ ئاتلىق1–بىرگادىسىغا قاراشلىق كوماندىر مەۋلانوپ( قىرغىز)، سىياسىي كومىسسار ئۆمەر زاكىروپ باشچىلىقىدىكى1–پولكنى مۇزداۋاننى ساقلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. مەۋلانوپ مۇشۇ تارىخنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بىر تاش ئابىدە تىكلىمەكچى بولۇپ، ئەسكەرلەرگە دەريادىن بىر يوغان تاشنى ئېلىپ چىققۇزۇپ، شوتا يېزىسىدىكى ئەمەت ئۇستا دېگەن تۆمۈرچىنى( ئوغلى توختاخۇن شوتىدا ھېلىھەم ھايات) تاشپۈتۈك ياساشقا تەكلىپ قىلىپتۇ. ئەمەت ئۇستا ئەسۋابلىرى سېلىنغان خۇرجۇننى ئېتىغا ئارتىپ تاغ ئارىسىغا كىرىپ تاشپۈتۈكنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھازىرقى جايىغا قويۇلغانىكەن. يەرلىك خەلق «مەۋلانتاش» دەپ ئاتايدىغان بۇ ئابىدە 60 يىلدىن بېرى شۇ خەلققە ئوخشاش قىسمەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، گاھ يىقىلىپ گاھ تۇرغۇزۇلۇپ كېلىۋېتىپتۇ.
تولۇق تېكستى...جۇڭگو تارىخىدا ئۆتكەن سۇلالىلەر ۋە خانىدانلىقلار غەربىي يۇرتنى باشقۇرۇش ئۈچۈن لەشكەر تۇرغۇزۇپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، چېگرا رايوننى قوغداشنى ئاساسىي دۆلەت سىياسىتى قىلغان. ئىلىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخ ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭغارلار ئۆز مەركىزىنى قوبۇقساردىن تەبىئىي شارائىتى بىر قەدەر ياخشى بولغان ئىلىغا كۆچۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ يەرنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي مەلۇم مەزگىل گۈللەنگەن. بۇنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى—جۇڭغار خانىدانلىقىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، دېھقانچىلىققا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدە. جۇڭغار خانلىقى ئەسلىدىكى يەرلىك ئاھالىلەر، قوبۇقساردىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن تېرىقچىلار، شۇنداقلا، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلارنى ئىلىدا تېرىقچىلىققا سالغان. بۇ ئەھۋال غالداندىن كېيىنكى سېۋان ئارابتان بىلەن غالدان سېرىننىڭ دەۋرىدە ئەۋج ئالغان بولۇپ، كۆچۈرۈپ چىققانلارنىڭ كۆپ قىسمى تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ئاز ساندىكىلىرى سودا–مۇلازىمەت كەسىپلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان. ئۇلار جۇڭغار خانلىقىنىڭ ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي بويلىرىدا دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئەڭ غوللۇق كۈچلىرى بولغان. بەزى تارىخىي خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، 1755–يىلى ئىلىغا كەلگەندە خاتىرىلەنگەن ئابدۇل مۆمۈن باشلىق 12 نەپەر ئۇيغۇر زايساننىڭ ئاغزاكى بايانىدا: « بىز 2000 نەچچە تۈتۈن ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىن تارتىپ قاش دەرياسى ۋە ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي تەرەپلىرىدىكى چاغانئوسۇغىچە بولغان جايلاردا ئولتۇرغان ئۇيغۇرلار غالدان سېرىنگە تەۋە ئىدۇق. داۋاچى جېنىمىزدىن جاق تويغۇزىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، بەكمۇ نامراتلىشىپ كەتتۇق. بۇ قېتىم بىز 300 ئەسكەر چىقىرىپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ داۋاچىنى يوقىتىشىغا ياردەملىشىشنى خالايمىز» دېيىلگەن. بۇنىڭدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي بويلىرىدا خېلى بۇرۇنلا تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
تولۇق تېكستى...جۇڭغارلارنىڭ مەشھۇر كۈمۈش قۇببىلىق سۈمەسى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى قاينۇق كەنتىنىڭ جەنۇبىغا ئىككى يېرىم كىلومېتىر كېلىدىغان ئورمانغا جايلاشقان، يەنى مەھەللە بۇلاق سۈيىنىڭ چىقىش ئورنىغا يېقىن يەردە. يەر ئورنى دېڭىز يۈزىدىن 883.7مېتىر كېلىدىغان ئېدىرلىق بولۇپ، شىمالىي پاراللىل 43–41گرادۇس، شەرقىي مېردىئان18گرادۇسقا توغرا كېلىدۇ.كۈمۈش قۇببىلىق سۈمە خارابىسىنى يەرلىك ئۇيغۇرلار «دۈگىلەك سېپىل» دەپ ئاتايدۇ. كۈمۈش قۇببىلىق سۈمەنىڭ پۈتكۈل گەۋدىسى بۇزۇلۇپ، ھېچنىمىسى قالمىغان بولسىمۇ، ھازىرمۇ يەنىلا خارابلىق ئورنىنى ئاساسىي جەھەتتىن بايقاپ ئالغىلى بولىدۇ. بۇتخانا ئىچكى–تاشقى قىسىم دەپ ئايرىلىپ، ئۈچ قەۋەت تام بىلەن ئورالغان. سىرتقى سېپىل تاملىرى قالمىغان بولۇپ، پەقەتلا توپا تامنىڭ ئىزلىرى قالغان. خارابلىق دۈگىلەك شەكلىدە بولۇپ، تۈز دىئامېتىرى تەخمىنەن 500مېتىر كېلىدۇ. ئىككى قەۋەت تاملىرى دۈگىلەك شەكلىدە بولۇپ، تۈز دىئامېتىرى تەخمىنەن 100مېتىر ئۇزۇنلۇقتا كېلىدۇ. قورغان ئىچىدە يەنە چاسا شەكىللىك قەلئە بولۇپ، تاملىرىنىڭ خارابىسى ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان. تاملىرى كېسەك بىلەن قوپۇرۇلغان بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن ئىككى مېتىر، ئايلانمىسى 100مېتىر، كۆلىمى 6400كۇادرات مېتىر كېلىدۇ. قورغاننىڭ دەل جەنۇبىدا كاھىش پارچىلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن دۈگىلەك شەكلىدىكى چوڭ بىر توپا دۆڭلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرۇلۇش خارابىسى ئىكەنلىكى روشەن بىلىنىپ تۇرىدۇ. قۇرۇلۇش خارابىسىدىن ئۆتۈپ شىمالغا قاراپ ماڭغاندا، قورغان دەرۋازىسىغا بارغىلى بولىدۇ.
تولۇق تېكستى...بۈگۈنكى كۈندە غۇلجا شەھىرىدە كىنو تىلغا ئېلىنسا ئانچە سىرلىق بىر ئىش ئەمەستەك تۇيۇلىدۇ، لېكىن بىرقانچە ئون يىلدىن ئىلگىرى، كىنو غۇلجىدا يەنىلا يېڭى بىر ئىش ئىدى. 19–ئەسىرىنىڭ 20–يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆتكەن مابىلىن ئەپەندى (بۇ كىشى تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللانغان، زېرەك كىشى ئىكەن) سوۋېت ئىتتىپاقىدىن بىر كىچىك تىپتىكى قولدا ئېلىپ يۈرىدىغان ئاۋازسىز كىنو ئاپاراتى، دىۋېگاتىل ماتورى ۋە ئازراق (كىنو لېنتىسى)فىلىم سېتىۋالغان. كىنو قويىدىغان تۇراقلىق ئورۇن بولمىغاچقا، سەييارە يۈرۈپ، مەسىلەن، كۈرە، قورغاس (سۈيدۈڭ) قاتارلىق جايلاردا كىنو قويغان. ئۇ، بارغانلىكى جايدا ئالدى بىلەن گېنېراتور، دىۋېگاتىل ماتورلارنى ئورنىتاتتى، بىرقانچە كۈن قويۇلغاندىن كېيىن ئورۇن يەڭگۈشلەيتتى، چىقىم كۆپ، دارامەت ئاز ئىدى.
تولۇق تېكستى...غۇلجا شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى خۇاگوشەنگە يېقىن بىر جاينى يەرلىك ئامما «قونتاجى»دەپ ئاتايدۇ. 1958–يىلى ئاتاقلىق ئارخېئولوگ پروفېسسور خۇاڭ ۋېنبېي ئىلىغا كېلىپ، ئالتۇن قۇببىلىق سۈمە خارابىسىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ماقالە ئېلان قىلىپ، ئالتۇن قۇببىلىق سۈمە دېگەن سۆز خەنزۇچە «جىن دىڭسى» بولۇپ، ئۇيغۇرلار «قونتاجى» دەپ ئاتايدۇ دەپ كۆرسەتكەنىدى (خەنزۇچە، «غەربىي شىمالىدىكى تارىخىي جايلار توغرىسىدىكى مۇھاكىمە ۋە بايان»، 43–بەت)
تولۇق تېكستى...ئىلى ئوبلاستلىق «لىچۇن»(ئاممىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، خەنزۇچە) تېرە زاۋۇتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەشھۇر نۇقتىلىق تېرە سانائەت كارخانىلىرىنىڭ بىرسى، شۇنداقلا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى بويىچە ئالغاندا كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان زاۋۇتلارنىڭ بىرسى بولۇپ، زاۋۇت دەسلەپ بەرپا بولغان چاغلاردا نامى «مۇسابايوف تېرە زاۋۇتى» دەپ ئاتالغانىدى. بۇ زاۋۇتنى 1909–يىلى مىللىي سودا–سانائەتچى ھۈسەنباي مۇسابايوف قۇرغان بولۇپ، ئۇ ئەينى يىللاردا ئۆزىنىڭ داڭلىق كارخانىچى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭدا شۇنداقلا ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە چەت ئەللەردىمۇ تونۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ مول چارۋىچىلىق مەھسۇلات مەنپەئىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ئۆز ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈپ، ئىچىكى ۋە تاشقى سودا بازارلىرىدا ئاجايىپ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىدەك قىممەتلىك تەجرىبىلىرى ھازىرقى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىشكنى تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىش سىياسەتلىرى يولغا قويۇلۇۋاتقان ۋاقتىمىزدىمۇ ئۆگىنىشكە ئەرزىگۈدەك قىممىتىنى يوقاتمىدى. مەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى «شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكنى ماشىنىلاشتۇرۇش»ناملىق ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلىدىغان ژۇرنال يۈزىدە ئۇنىڭ چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن تېرە زاۋۇتى قۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى كارخانىلاشتۇرۇش ۋە ماشىنىلاشتۇرۇش ساھەسىدىكى تۆھپىسىنى كەسپىي جەھەتتىنلا تونۇشتۇرغان ئىدىم. ھازىر شۇ ماقالەمگە ئاساسەن كېڭەيتىپ ۋە تولۇقلاپ خەلق ئاممىسىغا تونۇشتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ، قايتا يازدىم.
تولۇق تېكستى...غۇلجا شەھىرىنىڭ ئالدىنقى نامى «نىڭيۈەن» بولۇپ، قەدىمى نامى غۇلجا دېيىلەتتى. بۇ ئادەتتە «ئالتۇن قۇببىلىق سۈمە» دەپ ئاتىلاتتى. تارىخىي ماتېرىياللاردا يېزىلىشىچە، 16–ئەسىرنىڭ 20–يىللىرى جۇڭغار قەبىلىلىرى روناق تاپقان مەزگىللەردە جۇڭغار خاقانى «ئاۋامنى تۇرمۇشتا خاتىرجەم قىلىش» ئۈچۈن زور كۈچ بىلەن «سېرىق دىننى راۋاجلاندۇرۇش»نى تەشەببۇس قىلىپ، شەھەرنىڭ غەربىي تەرىپىگە (ھازىرقى خۇاڭگوشەنگە) ھەشەمەتلىك كاتتا بىر دوگاڭ (موڭغۇل تىلىدا بۇتخانا دېگەن مەنىدە) سالدۇرغانىدى. «بۇتخانا قەۋەت–قەۋەت بولۇپ، ئايلانمىسى بىرلى كېلەتتى»، «پەلەككە تاقاشقان شاھ مەقبەرىلىرىنىڭ ئالتۇن نۇرلىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى، ھەشەمەتلىك كەڭتاشا بۇتخانىلار ھەيۋەتلىك ۋە سۈرلۈك كۆرۈنەتتى»، «بۇتخانىلار ھەيۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بۆلەك–بۆلەكلەرگە بۆلۈنۈپ، قۇملۇقنىڭ شىمالىغا سوزۇلغانىدى». بۇ شۇ مەزگىلدىكى ئويراتلارنىڭ بۇتقا تېۋىنىدىغان مۇقەددەس جايى ۋە مەركىزىگە ئايلانغان. سۈمە قۇببىسى ئالتۇندەك يالتىراپ تۇرغانلىقتىن، قەدىمىي كىشىلەر ئۇنى «ئالتۇن قۇببىلىق سۈمە» دەپ ئاتاشقان. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، ئالتۇن قۇببىلىق سۈمەنىڭ يەر يۈزى (يەنە بىر رىۋايەتتە بۇتخانا پېشايۋىنى) غۇلجا (ئارقار)مۈڭگۈزىگە كۈمۈش يالىتىپ ياسالغانلىقتىن، قەدىمكىلەر ئۇنى يەنە «غۇلجا بۇتخانىسى» دەپ ئاتاشقان. كېيىنكى كۈنلەردە «ئالتۇن قۇببىلىق سۈمە» ۋە «غۇلجا بۇتخانىسى» دېگەن بۇ ئىككى ئاتالغۇ كەڭ تارقىلىپ، تەدرىجىي ھالدا يەر نامى بولۇپ قالغان. ھازىرقى ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلار غۇلجا شەھىرىنى يەنىلا «غۇلجا ۋە «قۇلجا» دەپ ئاتايدۇ. بۇ چوڭ غۇلجا (يەنى ئارقار) مۈڭگۈزى دېگەن مەنىدە. غۇلجا دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە مەنىسى جەھەتتە يەنە نۇرغۇن قىزىقارلىق رىۋايەتلەر بار، بۇنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاشقا توغرا كېلىدۇ.
تولۇق تېكستى...30–يىللادىكى قۇمۇل ئىنقىلابىدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەتبۇئات ساھەلىرى يېڭىچە تۇس ئېلىپ، جۇش ئۇردى. بۇ دىيارنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدە ئىلگىرى–ئاخىرى بولۇپ گېزىتلەر نەشر قىلىنىشقا باشلىدى. غۇلجا شەھرىدە دەسلەپ «ئىلى دەرياسى»، كېيىنرەك «ئىلى شىنجاڭ گېزىتى»نەشر قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا بىر توپ شائىر ۋە ژۇرنالىستلار توپلانغان ئىدى. مانا شۇ شائىر، ژۇرنالىست ۋە مەتبۇئاتچىلار قوشۇنى ئىچىدە ئەنۋەر ناسىرى ئۆز تالانتى ۋە يالقۇنلۇق قەلبى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈندى.
تولۇق تېكستى...