باش بەت  فوتو–سۈرەتلەر  ئىلى كۈيلىرى  ھالقىلىق سۆزلەر  سۆز قالدۇرۇڭ 
كىرىش ئېغىزى
ئىسىم:
پارول:
 

سەھىپىلەر

بېكەت كالېندارى
73 2012 - 2 48
يدسچپجش
   1234
567891011
12131415161718
19202122232425
26272829

قىزىق تېمىلار

بېكەت ستاتىستىكىسى

ئىزدەش

 تېما   مەزمۇن

دوستانە ئۇلىنىشلار

بېكەت ئۇچۇرلىرى:



QQ: 710609464
iliho@iliho.com
新ICP备11002383号

كۆرسىتىلىش شەكلى: نورمال | تېمىلار تىزىملىكى [1] [2] [3] [4] [5] [6] [7] [8] [9] [10]  ... [22]  

بايقىشىمچە، ھازىر بەزىلەر ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنى قۇرۇش جەريانىنى ئەينەن بىلگۈسى كېلىپ، بىراق ھۆججەتلىك يازما ماتېرىيال تاپالماي يۈرگەندەك قىلىدۇ. بۇ ئەھۋالنىڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۈر شائىر ئاباينىڭ: «كۈن كەينىدىن كۈن كېلۇر،بىر كۈن ئارزام ئالغۇزماس. ئوي كەينىدىن ئوي كېلۇر، شامالغا مىنسەڭ يەتكۈزمەس.» دېگىنىدەك، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى، ئوي – پىكىرنىڭ ئۇلغىيىشى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئادەملەردە جىددىي تەلەپ بولۇش ئېھتىماللىقى زور. مۇشۇ نۇقتىدىن ئويلىغاندا، بۇ ئىشنىڭ ھەغدالىرى بولغان — قول سېلىپ ئىشلىگەن بىز (ھازىر ھاياتلاردىن: پاتقان سۈگىربايىۋ، چېن شىخۇا، ۋاقاپ مۇخىت، مەن – قۇرمانەلى)دەك كىشىلەر بۇ كەم ئورۇننى تولدۇرماي بىپەرۋالىق قىلىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقتەك تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا مەن بۇ مەسىلە ھەققىدە — ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنى قۇرۇش جەريانى توغرىسىدا ھۆججەتلىك يازما ماتېرىيال قالدۇرۇپ، تەتقىق قىلغۇچىلار بىلەن بىلىشنى لازىم تاپقانلارغا ياردەم بېرىشنى كۆزلىدىم.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: ئىلىخو | سەھىپە: ئىلىنىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 125
1 ناغرا ھەققىدە  [2011-10-13]

ناغرا — ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان چالغۇ ئەسۋابى، نەچچە مىڭ يىللىق سەنئەتكە باي ئۇيغۇر خەلقى خىلمۇ–خىل دۇمباق مۇزىكىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك سەنئەت ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئۇيغۇر خەلق ناغرىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبىنى ۋە مۇكەممەل ئورۇنلاش سەنئىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، كۆپ خىل تېمىدىكى مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلدى. ناغرا خەلق تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى خەلق سەنئەت خەزىنىسىدىكى گۈللەرنىڭ رەناسىدۇر. بىراق، تارىختىكى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ پۇراقلىق گۈلىنى كىشىلەر ناھايىتى ئاز چۈشىنىپ يەتتى. مىللەتلەر ئارا بولغان چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇش يۈزىسىدىن ناغرا ھەققىدە بىلگەن چۈشەنچىلىرىم ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن. نامۇۋاپىق ۋە تولۇق بولمىغان يەرلىرىنىڭ بولۇشى تەبىئىي، كىتابخانلارنىڭ تەنقىدىي كۆرسىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: ئىلىخو | سەھىپە: ئىلىنىڭ مەدەنىيەت–سەنئىتى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 113

جۇڭغارلارنىڭ مەشھۇر كۈمۈش قۇببىلىق سۈمەسى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى قاينۇق كەنتىنىڭ جەنۇبىغا ئىككى يېرىم كىلومېتىر كېلىدىغان ئورمانغا جايلاشقان، يەنى مەھەللە بۇلاق سۈيىنىڭ چىقىش ئورنىغا يېقىن يەردە. يەر ئورنى دېڭىز يۈزىدىن 883.7مېتىر كېلىدىغان ئېدىرلىق بولۇپ، شىمالىي پاراللىل 43–41گرادۇس، شەرقىي مېردىئان18گرادۇسقا توغرا كېلىدۇ.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: ئىلىخو | سەھىپە: ئىلىنىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 104

بۈگۈنكى كۈندە غۇلجا شەھىرىدە كىنو تىلغا ئېلىنسا ئانچە سىرلىق بىر ئىش ئەمەستەك تۇيۇلىدۇ، لېكىن بىرقانچە ئون يىلدىن ئىلگىرى، كىنو غۇلجىدا يەنىلا يېڭى بىر ئىش ئىدى.19–ئەسىرىنىڭ 20–يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆتكەن مابىلىن ئەپەندى (كۆپ جەھەتتىكى زاتلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىشى تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللانغان، زېرەك كىشى ئىكەن) سوۋېت ئىتتىپاقىدىن بىر كىچىك تىپتىكى قولدا ئېلىپ يۈرىدىغان ئاۋازسىز كىنو ئاپاراتى، دىۋېگاتىل ماتورى ۋە ئازراق (كىنو لېنتىسى)فىلىم سېتىۋالغان. كىنو قويىدىغان تۇراقلىق ئورۇن بولمىغاچقا، سەييارە يۈرۈپ، مەسىلەن، كۈرە، قورغاس (سۈيدۈڭ) قاتارلىق جايلاردا كىنو قويغان. ئۇ، بارغانلىكى جايدا ئالدى بىلەن گېنېراتور، دىۋېگاتىل ماتورلارنى ئورنىتاتتى، بىرقانچە كۈن قويۇلغاندىن كېيىن ئورۇن يەڭگۈشلەيتتى، چىقىم كۆپ، دارامەت ئاز ئىدى.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: ئىلىخو | سەھىپە: ئىلىنىڭ مەدەنىيەت–سەنئىتى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 162

تاش ئابىدە ۋە تاش پۈتۈكلەر — شىنجاڭ رايونىدىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بىر تۈرى. ئۇلارنىڭ ئۆزى تەۋە بولغان زامان ۋە ماكانغا مۇناسىۋەتلىك زور تارىخىي ۋەقەلەر، مۇھىم تارىخىي شەخسلەرگە ئائىت ئىشلار خاتىرىلەنگەن يازما يادىكارلىقلار بولۇپ، شىنجاڭنىڭ قەدىمكى زامان تارىخى، مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئىنتايىن مۇھىم ماتېرىياللار ھېسابلىنىدۇ.

چىپاركۆل بويىدىكى قەبرە تېشى


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: ئىلىخو | سەھىپە: ئىلىنىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 501

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا بارلىققا كەلگەن قىممەتلىك تارىخىي بايلىق بولۇپ، ئۇ ئوخشاشمىغان ساھە ۋە نۇقتىدىن تارىختىكى كىشىلەرنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ماددىي ماتېرىيالدۇر.ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدىكى سىياسىي ۋەقەلەر، سىياسىي ئىش – پائالىيەتلەر ۋە سىياسىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەشھۇر شەخسلەر سەۋەبىدىن بارلىققا كەلگەن ئالاھىدە بىر تۈر بولۇپ، ئېلىمىزدە مىلادىيە 1840 – يىلىدىن كېيىنكى كونا دېموكراتىك ئىنقىلاب، 1919 – يىلىدىكى «4–ماي» ھەرىكىتىدىن كېيىنكى يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب، 1949 – يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئىنقىلاب ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى «ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» دېگەن ئالاھىدە نام بىلەن ئاتالغان.شىنجاڭدا شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى ۋە تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن، ئېلىمىزنىڭ كونا دېموكراتىك ئىنقىلاب، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب ۋە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب مەزگىلدە بارلىققا كەلگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى «ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» دەپ ئاتىلىپ، مۇشۇ مەزگىلدىكى زور تارىخىي ۋەقەلەر، مۇھىم تارىخىي شەخسلەر، ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە ئۇلارغا ئائىت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نۇقتىلىق قوغدىلىپ، «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى بازىسى» قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: ئىلىخو | سەھىپە: ئىلىنىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 274

1. موللا بىلالنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: شائىر بىلال نازىمنىڭ تولۇق ئىسمى— موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ، ئۇ تەخمىنەن 1825–يىلى غۇلجا شەھرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە نامرات موزدۇز ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 10–11 ياشلارغا كىرگەندە دادىسىدىن يىتىم قالغان ۋە ئاكىسى جالالىدىننىڭ تەربىيىسىدە بولغان، مەدرىستە ئوقۇغان. موللا بىلال قورغاس «ئالتۇنلۇقۇم»يەنى تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى يېنىدىكى «بەيتۇللا»مەدرىسىدە11 يىل ئوقۇغان. ئەرەب، پارىس تىللىرىنى مۇكەممەل ئىگىلىگەن، شەرق ئەدەبىياتى ۋە كلاسسىك ئەدەبىي مىراسلىرىمىز بىلەن پىششىق تونۇشقان، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى خەزىنىسىدىكى ئېسىل ئەسەرلەرنى توپلىغان. ئۇ 20 ياشقا كىرگەندە ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئاكىسى بىلەن تېخىمۇ ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. شۇنداق بولسىمۇ بىلال نازىم قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىپ، شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ نامى ئەل ئارىسىدا تاراشقا باشلاپ، كىشىلەر ئۇنى «موللا بىلال» دەپ ھۆرمەتلەشكەن. ئۇ 27 ياشقا كىرگەندە ئۆزىنىڭ ھايات، مۇھەببەت، دوستلۇق ھاققىدە يازغان غەزەللىرىنى دىۋان قىلىپ تۈپلەپ، «نازىم» دېگەن تەخەللۇس بىلەن يېشىل تاۋار جىلتىغا ئوراپ سۆيگەن قىزى رەناخان ئاپپاققا تەقدىم قىلغان.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: ئىلىخو | سەھىپە: ئىلىنىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 256

1856–يىلى 1–ئاۋغۇست

جۇڭگونىڭ بوروخوجىر چېگرا قاراۋۇلخانىسى

مەلۇم ئىش تۈپەيلىدىن جۇڭگو تەرەپكە ئۆتۈشكە توغرا كەلدى. قاپال شەھىرىدىن يولغا چىقىپ تاتارىنوفنىڭ ئۆيىدە ھەمراھلىرىمنى كۈتۈۋاتقىنىمغا بۈگۈن ئالتە كۈن بولدى. پۈتۈن ئالاتاۋا ۋادىسىدىكى داۋانلار ئىچىدە سانتاس داۋىنىدىن قالسىلا بىز ئۆتىدىغان مۇشۇ ئۇيگېنتاس(تاش دۆۋىسى دېگەنلىك)داۋىنى ئۆتۈش بىر ئاز قولايراق داۋان ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ نامى سان–ساناقسىز قازاق قەبرىلىرىگە ئوخشاپ قالىدىغان بىر كىچىك قورغاننىڭ نامىدىن كېلىپ چىققان. بۇ يەرلەردە ئۇنداق قورغانلارنىڭ سانى مىڭدىن ئاشسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيگېنتاس ئەڭ داڭلىق بولغاچقا، پۈتۈن بىر ۋادا بىلەن قوشۇلۇپ، بۇ داۋاننىڭ نامى ئاشۇ قورغاننىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ قالغان. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قورغاننى جۇڭغار خانلىقىنىڭ قۇنتەيجىلىرىدىن بىرى بولغان سىرە باتۇر بىنا قىلدۇرغانمىش.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: ئىلىخو | سەھىپە: ئىلىنىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 204

مۇھەررىردىن: مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىلىدا ئۆتكەن تارىخچى، تىلشۇناس ئىمىنجان باھاۋۇدۇن (1897–1948)نىڭ «ئىلى تارىخى» («تارانچى تارىخى»)ناملىق ئەسىرى ئىلى تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان، ئۇيغۇر مۇئەررىخلەر يازغان ساناقلىق ئەسەرلەرنىڭ بىرى. بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا (5–قىسمى)چارروسىيە ئىلىنى ئون يىل ئىشغال قىلىپ تۇرغاندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بىلەن چارروسىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن شەرتنامە بويىچە ئىلىنى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋاقتىدا ئىلىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تۇڭگان(خۇيزۇ)لارنىڭ يەتتەسۇغا كۆچۈش جەريانى بايان قىلىنىدۇ. ئەسەرنىڭ بۇ قىسمى بىزنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80–يىللىرىنىڭ بېشىدا بولۇپ ئۆتكەن«كۆچ–كۆچ»دەپ ئاتالغان بۇ تارىخى ۋەقەنىڭ جەريانى توغرىسىدا تەپسىلىي ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. تەزكىرە خادىملىرى ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن،«ئىلى تارىخى»دىگەن ئەسەرنىڭ مۇشۇ قىسمىنى ژۇرنىلىمىزدا قىسقارتىپ بەردۇق. ئەسەر ئىمىنجان باھاۋۇدۇننىڭ ئوغلى ئابدۈشۈكۈر ئىمىنجان ساقلاپ كەلگەن «ئىلى تارىخى»نىڭ قوليازمىسىغا ئاساسەن نەشىرگە تەييارلاندى. ئەسلىي ئەسەرنىڭ تىل ئۇسلۇبى نەزەردە تۇتۇلۇپ بەزى سۆز–ئىبارىلەر ئەينەن ساقلاپ قېلىندى.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: ئىلىخو | سەھىپە: ئىلىنىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 197

1962–يىلى ئېلىمىز ئۈچ يىللىق تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىغان، خەلق تۇرمۇشى ئېغىر قىيىنچىلىققا يولۇققان مۇشەققەتلىك كۈنلەردە ئىلى–تارباغاتاي رايونىدا نۇرغۇن ئادەم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىگە قېچىپ كېتىشتەك ئېغىر ۋەقە يۈز بەردى. بۇ ۋەقە ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى. بۇ زادى قانداق ئىش؟


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: ئىلىخو | سەھىپە: ئىلىنىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 343
[1] [2] [3] [4] [5] [6] [7] [8] [9] [10]  ... [22]  
«ئىلىخو تور پۈتۈكلىرى»نىڭ نەشىر ھوقۇقى ئىلىخو تاغ نېمەتلىرى چەكلىك شىركىتىگە تەۋە.
Alpida BLOG 1.0, Copyright© 2007-2012, Alpida® Software
Processed in 0.109375 second(s), 6 queries