باش بەت  فوتو–سۈرەتلەر  ئىلى كۈيلىرى  ھالقىلىق سۆزلەر  سۆز قالدۇرۇڭ 
كىرىش ئېغىزى
ئىسىم:
پارول:
 

سەھىپىلەر

بېكەت كالېندارى
73 2012 - 2 48
يدسچپجش
   1234
567891011
12131415161718
19202122232425
26272829

قىزىق تېمىلار

بېكەت ستاتىستىكىسى

ئىزدەش

 تېما   مەزمۇن

دوستانە ئۇلىنىشلار

بېكەت ئۇچۇرلىرى:



QQ: 710609464
iliho@iliho.com
新ICP备11002383号

 سۆز قالدۇرغۇچى: ئىلىخو [2011-12-21 01:38 PM]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز تورداشلار

«ئىلىخو پۈتۈكلىرى»(ئىلىخو تەزكىرىسى) سەھنىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان، كۆپلىگەن تورداش– دوستلارنىڭ قوللىشى ۋە مەدىتى بىلەن بۈگۈنكىدەك زىيارەت سانى ۋە ئەزالار سانى كۆرۈنەرلىك ئاشقان ھالەتكە كەلدى. مەزكۈر سەھنىمىزدە ھازىرغىچە جەمئىي 215 پارچە ماقالە بار بولۇپ، پېقىرنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى سەۋەبى بىلەن داۋاملىق ماقالە يوللاش ۋە ماتېرىيال توپلاش ئىشلىرىنىڭ سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتتى. بۇ جەھەتتە تورداشلاردىن ئۆزر سورايمەن.

«ئىلىخو پۈتۈكلىرى»(ئىلىخو تەزكىرىسى) بېتىمىزنىڭ ماقالىلىرىنى موللاشتۇرۇش، كۆپەيتىش، داۋاملىق نادىر ۋە ئېسىل پۈتۈكلەر بىلەن تورداشلار ۋە ئەزالارنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە پېقىردىن شۇنداق ئىلتىماسكى، بېتىمىز ئەزالىرى ۋە زىيارەتچى دوستلىرىمىزنىڭ قولىدا بار بولغان ئىلىغا ئائىت نادىر ماقالىلەرنى مەزكۈر سەھنىمىزغا يوللاپ، ھەممەيلەننىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن بۇ مەنزىلىمىزنى تېخىمۇ ئاۋات قىلساق...

يوللاش ئۇسۇلى:

مۇڭداشقۇ: 710609464 (ئىلىخو)

ئېلخەت: iliho@iliho.com

MSN :qeyser5@hotmail.com


 سۆز قالدۇرغۇچى: ئىلىخو [2007-06-12 00:49 AM]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز تورداشلار:

سىزلەرنىڭ «ئىلىخو تور پۈتۈكلىرى»گە قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!

مەزكۈر پۈتۈكىمىزدە ئىلى دىيارىنىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى، مەدەنىيەت–سەنئىتى، ساياھەت–جۇغراپىيىسى ۋە سودا–ئىقتىسادى توغرۇلۇق مەزمۇنلار ئاساس قىلىنغان. مەتبۇئاتلاردا ئاشكارا نەشر قىلىنغان، مەنبىئى ئېنىق بولغان يازمىچە ماتېرىياللار توپلانغان. ئارزۇيىمىز، ھەربىر توردىشىمىزنىڭ «ئىلىخو تور پۈتۈكلىرى» ئارقىلىق، ئىلىدىن ئىبارەت بۇ ئانا زېمىننىڭ ئۆتمۈشىنى چۈشىنىش بىلەن، بۈگۈنىنى قەدىرلەپ، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد–ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇشتۇر. ئاددىيغىنە تەلىپىمىز، ئىنكاس قالدۇرغاندا، بېرىلگەن پۈتۈك–يازمىلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، كەم قالغان ياكى يېتەرسىز بولغان جايلىرىنى تولۇقلاش توغرىسىدا قىممەتلىك پىكىرلىرىڭلارنى بەرسەڭلار، بۇ سەھنىنى موللاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللار مەنبىئى بىلەن تەمىن ئەتسەڭلار. سىلەرنىڭ ھەربىر ئىنكاسىڭلار بىزنى كۆپ خۇرسەن قىلىدۇ ھەم مۇشۇ ئازغىنە ئەمگىكىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنى بەختلىك ھېس قىلدۇرىدۇ.

«ئىلىخو تور پۈتۈكلىرى»نىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن تور تېخنىكىسى جەھەتتىن پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ–قۇۋۋەتلىگەن «ئەلپىدا يۇمشاق دېتال خىزمەتخانىسى»گە، قىممەتلىك ماتېرىيال مەنبىئى بىلەن تەمىنلىگەن بارلىق دوست–بۇرادەرلەرگە، شۇنداقلا مۇشۇ قۇرلارغا ئىشتىراك قىلغان بارلىقى تورداشلىرىمىزغا كۆپتىن–كۆپ تەشەككۈر بولسۇن!

كامالىي ئېھتىرام بىلەن:

«ئىلىخو تور پۈتۈكلىرى» گۇرۇپپىسى

2007–يىل 11–ئىيۇن


«ئىلىخو تور پۈتۈكلىرى»نىڭ نەشىر ھوقۇقى ئىلىخو تاغ نېمەتلىرى چەكلىك شىركىتىگە تەۋە.
Alpida BLOG 1.0, Copyright© 2007-2012, Alpida® Software
Processed in 0.033203 second(s), 6 queries